17.8.2018
saat

All Language

تاھارەت، غۇسۇل ۋە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىمەن

    بۇ كىتابتا ئالدى بىلەن ئىمان ئاساسلىرى يىغىنجاقلىنىپ، قىسقىچە بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە تاھارەت، غۇسۇل ۋە ناماز ئوقۇشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى قىستۇرما رەسىملەر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ كىتاب ئېلىپ يۈرۈشكە ئاساس، ھەجمى كىچىك لېكىن بايان قىلىنغان مەلۇماتلار بۈيۈكتۇر. ناماز ئوقۇشنى يىڭىدىن ئۆگىنىدىغان ۋە ئۆگىنىۋاتقانلارغا ياخشى بىر ئۇستاز بولالايدۇ


ئاسىم ئۇيسال

  

تەربىيەدە 101 قەدەم

بۇ كىتابتا بىر مائارىپچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقى-پەزىلەت ۋە روھى ھالەتنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقى قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلىپ، ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب  ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ياكى مائارىپچىنىڭ ئوقۇپ چىقىشى ۋە ھاياتى بويىچە بۇ سۆزلەرنى باش تاجى قىلىشغا ئەرزىيدۇ


ئوسمان نۇرى توپباش 

  

1 «مېنىڭ گۈزەل دىنىم»

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «مېنىڭ گۈزەل دىنىم» 1 قىسىم رەڭلىك رەسىملىك بۇ كىتابتا دىنىمىز ئىسلامدىكى بەش پەرز: ئىمان، ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق مەزمۇنلار سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. ھەر بابنىڭ ئاخىرىدا مۇۋاپىق ئىمتىھان سوئاللىرى تەييارلانغان بولۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى سىناپ بېقىشى، باشقىلارغا ئۆگىتىشى قولايلاشتۇرۇلغان. بۇ كىتابنى بېسىپ چىقىرىۋېلىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى نۇسخىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ

فارۇق سالمان
نازىف يىلماز
دوكتور رەجەپ ئۆزدىرەك

  

2 «مېنىڭ گۈزەل دىنىم»

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «مېنىڭ گۈزەل دىنىم» ناملىق 2 قىسىم كىتاب ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىمان ئاساسلىرىنى سىستېمىلىق شەرھىلەپ ئۆگىتىشتىكى ياخشى دەرسلىك كىتاب بولالايدۇ. بۇ .كىتابنى بېسىپ چىقىرىۋېلىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى نۇسخىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ

فارۇق سالمان
نازىف يىلماز
دوكتور رەجەپ ئۆزدىرەك

 
  

3 «مېنىڭ گۈزەل دىنىم»

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن دەرسلىك كىتاب سۈپىتىدە تەييارلانغان بۇ ئەسەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن باشلاپ ئاخىرەت ئالىمىگە كۆچۈپ كېتىشىگىچە بولغان جەرياندىكى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ئاددى ۋە راۋان ئۇسلۇبتا، يىغىنچاق شەكىلدە يېزىلغان بۇ ئەسەر ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن مەلۇمات بېرىدۇ. تېكىست ئىچىدە مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سوئاللار قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ سوئاللارغا بېرىدىغان جاۋابى ئۇلارنىڭ بۇ دەرسنى ئىچكى ھېسسىياتىغا سىڭدۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشىنى ئاسانلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە كىتابقا جانلىق تۈس قوشىدۇ.بۇ كىتابنى بېسىپ چىقىرىۋېلىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى نۇسخىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ


فارۇق سالمان
نازىف يىلماز
دوكتور رەجەپ ئۆزدىرەك

  

پەيغەمبەرلەر تارىخى - 1

قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا پەيغەمبەرلەر تارىخى 1 ناملىق بۇ ئەسەردە ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە باھار خەۋەرچىسى بولغان پەيغەمبەرلەر شەجەرىسىدىن تۇنجى ئىنسان، تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ لۇت ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى كۈنىمىز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تاتلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرسى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىكەنمىز، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسقىچە ھاياتىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ كىتاب بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ


ئوسمان نۇرى توپباش

  

پەيغەمبەرلەر تارىخى - 2

قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا پەيغەمبەرلەر تارىخى 2 ناملىق بۇ ئەسەردە ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە باھار خەۋەرچىسى بولغان پەيغەمبەرلەر شەجەرىسىدىن زۇلقەرنەين ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ھارۇن ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى كۈنىمىز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تاتلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرسى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىكەنمىز، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسقىچە ھاياتىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ كىتاب بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ


ئوسمان نۇرى توپباش

  

پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەققىدە ھېكايىلەر

مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن «پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەققىدە ھېكايىلەر» ناملىق كىتابتا 17 پارچە ھېكايە بار بولۇپ، بۇ ھېكايىلەر بالىلارغا پەيغەمبىرىمىزھەققىدە ئاز بولسىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشنى مەقسەد قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ كىتابنى بالىلىرىغا ئوقۇپ بەرسە ياكى ئوقۇتسا، ئىنشائاللاھ پايدىسىنى كۆرىدۇ. بۇ كىتابنى بېسىپ چىقىرىۋېلىشنى خالىسىڭىز .تۆۋەندىكى نۇسخىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ


ماخمۇت سامى كانباش

  

  1. Page :
  2. |
  3. 1
  4. |
  5. 2
STATISTICS :    Total number of languages : 52    Total number of materials : 1.413    Total number of downloads : 993.373      ALL STATISTIC 

Coded by IBB SOFT