بۇ كىتابتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەڭداشسىز ئۆرنەك كىشىلىگى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە بايان قىلىنىپ، ئۇنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۆرنەك ئېلىپ، رەسۇلۇللاھنى ھەممە نەرسىمىزدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈشىمىزنىڭ لازىملىقى، ساھابىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسىدىن مىساللار كەلتۈرۈلۈپ بايان قىلىنغان
ئوسمان نۇرى توپباش
بۇ كىتابتا 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دەسلەپكى دىنىي ساۋادى ئاددى تىل بىلەن ھېكايە، شېئىر ۋە ھەر خىل رەسىملەر ئارقىلىق بايان قىلىندى. بۇ كىتابنى بېسىپ چىقىرىۋېلىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى نۇسخىنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ
مۇرشىدە ئۇيسال
دىنىي مائارىپتىكى جانلىق مېتودلار ناملىق بۇ كىتابتا ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاقتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلۈمنى ئاساس قىلغان 62 سىنىپ ئىچى پائالىيەت جانلىق مىساللار بىلەن چۈشنىشلىك بايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بۇ كىتابنى دەرسلىك قىلىپ ئۆگنىش ئارقىلىق ئىسلام دىنى ھەققىدە زۆرۈر مەلۇماتلارغا ئىگە بولىدۇ
بۇ كىتابتا ئىسلامنىڭ ئەقىل ۋە پەلسەپىگە بولغان كۆز قارشى، ئەقىلنىڭ ئەھمىيىتى، ۋەھىينىڭ كونتروللىقى ئاستىدىكى پەلسەپە ۋە ئەقىلنىڭ ئىنسانغا بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ۋەھىينىڭ تەربىسى ياكى كونتروللىقىدا بولمىغان ئەقىل ۋە پەلسەپىنىڭ ئىنساننى ئەبەدىي ئازاب-ئۇقۇبەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقى مىساللار بىلەن ئىخچام بايان قىلىنىدۇ
ئوسمان نۇرى توپباش
بۇ ئەسەردە بىر مۇسۇلماننىڭ ئاخىرقى نەپەسىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى، بۇ سەۋەپتىن ھەر نەپەسنىڭ ئاخىرقى نەپەس بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆلۈمگە تەييار ھالەتتە ياشاشنىڭ لازىملىقى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئىبرەتلىك قىسسەلەر بىلەن تەسىرلىك بايان قىلىنىدۇ
ئوسمان نۇرى توپباش
مۇسۇلمانلارنىڭ مال-دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناملىق بۇ ئەسەردە پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابە–كىرامنىڭ مال-دۇنياغا بولغان پۇزۇتسىيەسى ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ مال-دۇنيا ئىمتىھانىدا قانداق مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يوللىرى كۆرسىتىلىدۇ. كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ مال-دۇنيا ئالدىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقى بەرىكەتلىك بىر سۆھبەت ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ
ئوسمان نۇرى توپباش
قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا پەيغەمبەرلەر تارىخى 1 ناملىق بۇ ئەسەردە ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە باھار خەۋەرچىسى بولغان پەيغەمبەرلەر شەجەرىسىدىن تۇنجى ئىنسان، تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ لۇت ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى كۈنىمىز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تاتلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرسى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىكەنمىز، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسقىچە ھاياتىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ كىتاب بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ
ئوسمان نۇرى توپباش
قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا پەيغەمبەرلەر تارىخى 2 ناملىق بۇ ئەسەردە ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە باھار خەۋەرچىسى بولغان پەيغەمبەرلەر شەجەرىسىدىن زۇلقەرنەين ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ھارۇن ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى كۈنىمىز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تاتلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرسى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىكەنمىز، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسقىچە ھاياتىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ كىتاب بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ
ئوسمان نۇرى توپباش
قۇرئان كەرىم نۇرى ئاستىدا پەيغەمبەرلەر تارىخى 3 ناملىق بۇ ئەسەردە ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە باھار خەۋەرچىسى بولغان پەيغەمبەرلەر شەجەرىسىدىن داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى كۈنىمىز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تاتلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن بىرسى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىكەنمىز، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسقىچە ھاياتىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ كىتاب بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ
ئوسمان نۇرى توپباش